مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
دىندا ئوتتۇراھال بولۇش دىگەنلىك ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك ۋە
چىقىپ كەتمەسلىكنى ، ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىقنى ھەمدە ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن
كىمەيتىۋەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ .
دىندا ئوتتۇراھال بولۇش دىگەنلىك پەيغەمبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۇلگىلىرىگە ئەگىشىشتۇر .ئاشۇرۋېتىش دىگەنلىك ئۇنىڭ قىلغىنىدىن
كۆپرەك قىلىشقا ئۇرۇنۇشتۇر ، سەل قاراش دىگەنلىك ئۇ سەۋىيەگە يەتمەسلىكتۇر .
مەسىلەن ، بىر ئادەم : مەن پۈتكۈل كېچىنى ناماز بىلەن ئۆتكۈزىمەن ، پۈتكۈل
ھاياتىمدا ھەرگىز ئۇخلىمايمەن ، چۈنكى ناماز ئەڭ ياخشى ئىبادەتلەرنىڭ بىرى ، شۇڭا
مەن بارلىق كېچىنى نامازدا ئۆتكۈزمەكچىمەن ، دەيدۇ . بىز دەيمىز ، بۇ ئاللاھنىڭ
دىنىدا ھەددىدىن ئاشقانلىق ، بۇ توغرا ئەمەس . بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار پەيغەمبىرىمىز
(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ، بىر
گۇرۇپپا كىشىلەر يېغىلىپ ، ئۇلارنىڭ بىرى : مەن كېچىدە ناماز ئوقۇيمەن ، ھەرگىز
ئۇخلىمايمەن ، دىگەن . يەنەبىرى : مەن روزا تۇتىمەن ، ھەرگىز روزامنى سۇندۇرمايمەن
، دىگەن . ئۈچىنچى بىرى : مەن ھەرگىز توي قىلمايمەن ، دىگەن . ئۇلارنىڭ خەۋىرى
پەيغەمبەرگە (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )يەتكەندە ئۇ مۇنداق
دىگەن : « مۇنداق-مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرگە نىمە بولغىنى ؟ مەن روزا
تۇتىمەن ھەمدە تۇتمايمەن ، مەن ئۇخلايمەن ، مەن توي قىلىمەن . كىمكى مىنىڭ
سۈننىتىمدىن ئۆزىنى تارتىدىكەن ، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس . » بۇ كىشىلەر دىندا ھەددىدىن
ئاشقانىدى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۇلاردىن
نىرى بولدى ، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روزا تۇتۇش ۋە تۇتماسلىق ، كېچىدە ناماز ئوقۇش ۋە
ئۇخلاش ، ھەمدە توي قىلىشتىن ئىبارەت سۈننىتىدىن ئۆزلىرىنى تارىتتى .
كېمەيتىۋەتكۈچى بولسا ، مەن خالىسانە(نەپلە) ئىشلارنى قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ، شۇڭا
مەن ئۇلارنى قىلمايمەن . مەن پەقەت پەرىز ئىشلارنىلا قىلىمەن ، دىگۈچىدۇر . ۋە
بەزىدە پەرىز ئىشلارنىمۇ كەم قىلىپ قويىدۇ ، بۇمۇ كېمەيتىۋەتكۈچى .
ئوتتۇراھال ئادەم بولسا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن )ۋە ئۇنىڭ توغرىغا يىتەكلەنگەن ئىزباسارلىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىدۇر
.
يەنە بىر مىسال : ئۈچ ئادەم بىر بۇزۇق ئادەمگە روبىرو كىلىپ قالىدۇ .شۇنىڭ بىلەن
ئۇلارنىڭ بىرى : مەن بۇ بۇزۇق ئادەم بىلەن سالاملاشمايمەن ، بۇنىڭ بىلەن
مۇناسىۋەتلەشمەيمەن ، ئۇنىڭدىن نىرى بولىمەن ھەمدە ئۇنىڭغا سۆز قىلمايمەن ، دەيدۇ .
ئىككىنچىسى : مەن بۇ بۇزۇق ئادەم بىلەن بىللە ماڭىمەن ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىمەن ،
ئۇنىڭغا خۇش تەبەسسۇم قىلىمەن . ئۇنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىمەن ، ھەمدە ئۇنىڭ
تەكلىپىنى قوبۇل قىلىمەن . ئۇ ماڭا نىسبەتەن توغرا يوللۇق ئادەمگە ئوخشاش ، دەيدۇ .
ئۈچىنچىسى : مەن بۇ بۇزۇق ئادەمنى بۇزۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچ كۆرىمەن ، بىراق مەن
ئۇنى ئەقىدىسى ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن . مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيمەن ،
بىراق ئۇنداق قىلسام ئۇنىڭ تۈزىلىشى ئۈچۈن . بىراق ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش
ئۇنىڭ تۈزىلىشىگە سەۋەپ بولماستىن ، بەلكى ئۇنى بۇزۇقلىقىدا ئاشۇرۋەتسە ، ئۇنداقتا
مەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيمەن ، دەيدۇ .
بىز شۇنى دەيمىزكى ، بىرىنچى ئادەم-ھەددىدىن ئاشقۇچى ، ئىككىنچىسى-سەل قارىغۇچى ،
ئۈچىنچىسى بولسا ئوتتۇراھالدۇر .
بۇ بارلىق ئىبادەت ۋە مۇئامىلەلەرگە ئورتاقتۇر . كىشىلەرئۇنىڭدا ھەددىدىن ئېشىش ،
سەل قاراش ۋە ئوتتۇراھال بولۇش ئارىسىدا بولىدۇ .
ئۈچىنچى مىسال : بىر ئادەم -ئايالىنىڭ ئەسىرى بولۇپ ، ئايالى ئۇنى ئۆزى خالىغانغا
بۇيرىيدۇ ، ئۇ ئايالىنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن توختاتمايدۇ ، ياكى ئۇنى ياخشى ئىش
قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەيدۇ . ئايالى ئۇنىڭ ئەقلىنى كونتىرول قىلىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭ
خوجايىنىغا ئايلانغان .
يەنەبىر ئادەم ئايالىغا قوپاللىق ، ھاكاۋۇرلۇق ۋە قاتتىق بىسىم بىلەن مۇئامىلە
قىلىدۇ . ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ھەمدە ئۇنى قۇلدىنمۇ تۆۋەن كۆرىدۇ .
ئۈچىنچى ئادەم بولسا ئايالى بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى
بۇيرىغاندەك ئوتتۇراھال بولىدۇ .
« ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ
ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮬﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ،
ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻤﯘ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ). » [ ئىنەك 2 : 228 ]
[پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن :]
«مۇئىمىن ئەر مۇئىمىن ئايالنى ئۆچ كۆرمىسۇن . ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ بىر مىجەزىنى
ياقتۇرمىسا ، ئۇنىڭ يەنە بىر مىجەزىدىن رازى بولىدۇ . »
بۇ ئاخىرقى ئادەم - ئوتتۇراھال ئادەم . ئىككىنچىسى - ئايالى بىلەن بولغان
مۇئامىلىدە ھەددىدىن ئاشقۇچى ، بىرىنچىسى بولسا كەم قىلغۇچى .
بۇ -بارلىق ئىش-ھەركەت ۋە ئىبادەتلەرگە ئورتاقتۇر .
پەزىلەتلىك پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىيننىڭ رىسالىلەر ۋە فەتىۋالار توپلىمى
، 1.ج ، 42 ب .