مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . فىقھى ئاساسشۇناسلىقى ئالىملىرى سۈننەت ، مۇستەھەپ ، تەتەۋۋۇ( خالىس ئىشلار) ، ۋە نەپلى ئارىسىدا پەرق يوق دىدى . بىراق ھەنەفىيلەر ئۇنىڭغا باشقىچە قاراشتا بولدى ، يەنى ، مەندۇپنى ( تەۋسىيە قىلىنغان ) نەپلى بىلەن تەڭ دەپ قارىدى ، ھەمدە ئۇلار سۈننەتنى ئۈستۈنرەك ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قاراپ سۈننەت بىلەن نەپلىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ . [ پېشىۋا ئابدۇللاھ فەۋزان نىڭ « شەرھ ۋەرەقات فى ئۇسۇل فىقھى» ، 26.ب دىن ئىلىندى . ]