مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . بىرىنچى : ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كىتىشى ھارام . چۈنكى ئۇ نۇرغۇن سەلبى ئاقىۋەتلەرنى ۋە ھارام ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 1200-سۇئالنىڭ جاۋابىدا ئارلىشىپ كىتىشنىڭ چەكلىنىشىدىكى دەلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بولدى . ئارلىشىپ كىتىش ھەر بىر ۋاقىت ۋە ھەربىر ئورۇندا چەكلەنگەنىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئىش رامىزان ئىيىدا مەسچىدلەردە يۈز بەرسە چەكلىنىش تىخىمۇ تەكىتلىنىدۇ . چۈنكى ئۇ ئىسلام دىنىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش ، كىشىلەرنى ياخشىلىققا چاقىرىش ۋە ئۇلارنى بۇزۇق ، رەزىل ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەشتىن ئىبارەت مەسچىتلەرنىڭ قۇرلىشىدىكى شەرىئەت مەقسەتلىرىگە زىت . ھەمدە ئۇ تەقۋالىققا ئىرىشىش ، نەپس خاھىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت روزا تۇتۇشتىكى ھىكمەتكە زىت . بارلىق مەسچىت كىشىلىرىنىڭ بۇ يامان ئىشنى ئىنكار قىلىشى ۋە ئۇنى يوقۇتۇشقا تېرىشىشى ۋاجىپ . مەسچىتنى باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭغا ئالاھىدە مەسئۇل . ھىچكىمنىڭ ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كىتىشىنى مەنئى قىلساق ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسچىتكە كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ بۇ يامان ئىشنى ئاقلاشقا ياكى ئۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرىشىغا بولمايدۇ . بۇ بىر نەچچە جەھەتتىن رەت قىلىنىدۇ : 1- يامان ئىشنى ئىنكار قىلىشقا قادىر تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن سۈكۈتتە تۇرۇش گۇناھ . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تىرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : « سىلەردىن كىمكى بىر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن ، ئەگەر قىلالمىسا تىلى بىلەن بولسۇن ، ئەگەر قىلالمىسا دىلى بىلەن بولسۇن . ھەمدە ئۇ ئەڭ ئاجىز ئىمان . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 48 ] ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ مەسچىتكە كىلىشى ئۇنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەپ بولۇشىنى خالىمايدۇ . 2- مەسچىتنىڭ ئوينايدىغان ئەڭ مۇھىم رولى- كىشىلەرنى ياخشىلىققا چاقىرىش ، ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش . شۇڭا مەسچىتنى باشقۇرغۇچىلار كىشىلەرگە ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كىتىشنىڭ ھاراملىقىنى چۈشەندۈرىشى ھەمدە ئۇنى قىلىشتىن توختىتىشى كىرەك . 3- بۇ كىشىلەر مەسچىتكە ھەرگىز كەلمەيدۇ دىيىش پەقەتلا پەرەز . ھەتتا بىز شۇنداق بولىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ، ئالىملار ئارىسىدىكى قارالما شۇكى ، يامان ئىشتىن ساقلىنىش ياخشى ئىشنى پەيدا قىلىشتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ . 4- ئاياللارنىڭ ئىپتاردىن بۇرۇن يىغىلىشى ئۈچۈن ئايرىم جاي قۇرۇلسا بولىدۇ ، ئۇ مەيلى مەسچىتنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ، ياكى سىرتىدا، چىدىردا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسىدە بولسۇن . ھەمدە ئۇلارغا كىرەكلىك پروگىراممىلار ۋە پايدىلىق ئىشلار تەمىنلەنسە بولىدۇ ، ھەمدە ئۇ ئاياللارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بولۇشى كىرەك . 5- دەۋەت قىلغۇچى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە ئۇنى تۈزەشكە كۈچ چىقىرالايدىغان بولۇشى ، ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ،ياكى ئۇنى ئاقلاشقا ئىزدەنمەسلىكى كىرەك . ئارلىشىپ كىتىش بولسا بىز ئىسلامدىن يىراقلىشىپ كەتكىنىمىز ئۈچۈن پەيدا بولغان بىر مەسىلە . ئۇنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چوقۇم كۈچ چىقىرلىشى كىرەك . ئەگەر بىرىنچى قەدەم ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدە ئىلىنمىسا ، ئۇنداقتا قەيەردىن باشلايمىز ؟! سىز مەسئۇل كىشىلەرنى قايىل قىلىشقا بىر نەچچە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن خىزمەت ئىشلەڭ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاياللارنىڭ يىغىلىشىغا مۇۋاپىق جاي ھازىرلىشىغا ، ھەمدە ئاياللارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان پروگىراممىلارنى ھازىرلىشىغا ياردەملىشىڭ . ئاللاھتىن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋە ئوڭۇشلۇق قىلىشىنى سورايمىز . ئىككىنچى : تەراۋىيھنىڭ ھەر تۆت رەكىتىدىن كىيىن تەسبىيھ ئېيتىش ھەققىدىكى سۆزىڭىزگە كەلسەك ، بىز ئۇنى 50718- سۇئالنىڭ جاۋابىدا ئۇنىڭ قىلماسلىققا تىگىشلىك بىر بىدئەتلىكىنى بايان قىلدۇق . پېشىۋا ئىبنۇ باز ( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) دىن: تەراۋىيھنىڭ رەكەتلىرى ئارلىقىدا پەيغەمبەرگە ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىقىنى سوراپ ھەمدە ئاللاھنىڭ توغرا يوللۇق خەلىپىلەردىن رازى بولۇشىنى تىلەپ ئاۋازىمىزنى كۆتۈرشىمىزنىڭ ھۆكمى نىمە ؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىگەن : " بىلىشىمىزچە ، شەرىئەتتە ئۇنىڭغا ئاساس يوق ، بەلكى ئۇ بىر بىدئەت ھەمدە قىلىنماسلىقى كىرەك . بۇ ئۇممەتنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ئىشلىرىنى پەقەت دەسلەپكى ئەۋلادلارنىڭ ئىشلىرىنى تۈزىگەن نەرسىلا تۈزىيەلەيدۇ ، ئۇ بولسا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ، ھەمدە بۇ ئۇممەتنىڭ دەسلەپكى ئەۋلادلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىش ، ھەمدە ئۇنىڭغا زىت نەرسىلەردىن ساقلىنىش . " تۈگىدى . [ ئىبنۇ باز فەتىۋالار توپلىمى ، 11\369 ] ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .