مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . 1- ئالىملارنىڭ توغرا سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا ، فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش نامازدىكى بىر ئەركان بولۇپ ، ئۇنى ئوقۇش ئىمام ، ئەگەشكۈچى ،ۋە يالغۇز ئوقۇغۇچىغا ۋاجىپ . ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : « كىمكى بىر ناماز ئۆتەپ ، ئۇنىڭدا قۇرئان ئانىسىنى ئوقۇمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ (ناماز) كەمتۈك » دەپ ئۈچ قىتىم دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرىگە : " بىز ئىمامنىڭ كەينىدە بولساقچۇ؟ " دىيىلدى . ئۇ : " ئۇنى ئىچىڭدە ئوقۇغىن . چۈنكى مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : « ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىدى : « نامازنى مىنىڭ بىلەن بەندەمنىڭ ئارىسىدا تەڭ ئىككىگە بۆلدۈم . ھەمدە بەندەمگە ئۇ سورىغان نەرسە بار بولىدۇ . شۇڭا بەندە: الحمد لله رب العالمين ( مەدھىيە دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن ) دىسە ، ئۇلۇغ ئاللاھ : بەندەم مىنى مەدھىيلىدى ، دەيدۇ . ھەمدە ئۇ : الرحمن الرحيم ( مىھرىبان ، رەھىملىك) دىسە ، ئاللاھ : بەندەم مىنى تەرىپلىدى ، دەيدۇ . ھەمدە ئۇ : مالك يوم الدين ( قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىدارى ) دىسە ، ئۇ : بەندەم شان-شەرىپىمنى كۆتۈردى ، يەنە بىر قىتىمدا : بەندەم ماڭا ئەل بولدى ، دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : إياك نعبد وإياك نستعين (ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ھەمدە سەندىنلا ياردەم تەلەپ قىلىمىز ) دىسە ، ئۇ : بۇ بولسا مىنىڭ بىلەن بەندەمنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ ھەمدە بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بار بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : اهدنا الصراط المستقيم . صراط الذين أنعمت عليهم غير المغضوب عليهم ولا الضالين ( بىزنى تۈز يولغا يىتەكلىگىن . غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ، ياكى ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ، سەن نىئېمەت بەرگەنلەرنىڭ يولىغا (يىتەكلىگىن ) .) دىسە ، ئۇ : بۇ بولسا بەندەم ئۈچۈن ، ھەمدە بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بار بولىدۇ ، دەيدۇ .» » " . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 395 ] ھەمدە نامازخان ئۇنى ئەرەب تىلى بىلەن توغرا يۇسۇندا ئوقۇشى لازىم ، چۈنكى بىز قۇرئاننى ئۇنىڭ چۈشكەن ھالىتىدە ئوقۇشقا بۇيرۇلغان . 2- تىلىدا كەمتۈكلۈك بولغانلىقتىن ، ياكى غەيرى ئەرەب بولغانلىقتىن ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدىغان كىشى كۈچىنىڭ يىتىشىچە تەلەپپۇزىنى توغىرلاشنى ئۆگىنىشى لازىم . ئەگەر قىلالمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭدىن ساقىت بولىدۇ ، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ تاقىتىدىن سىرتىنى بۇيرىمايدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : «ئاللاھ كىشىگە پەقەت ئۇنىڭ تاقىتى دائىرسىدىكىنىلا بۇيرىيدۇ . » [ بەقەرە( ئىنەك) : 286 ] 3- فاتىھەنى ئوقۇشتىن پۈتۈنلەي ئاجىز كەلگەن ، ياكى ئۇنى ئۆگىنىشتىن ئاجىز كەلگەن ياكى ئۇ ئەمدى مۇسۇلمان بولغان ھەمدە ناماز ۋاقتى كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنى ئۆگىنىشكە يىتەرلىك ۋاقىت يوق كىشى بولسا ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىيستىكى چىقىش يولى بار : نەقىل قىلىندىكى ، ئابدۇللاھ بىن ئەۋفا مۇنداق دىگەن : " بىر كىشى پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قېشىغا كىلىپ : ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، ماڭا قۇرئاندىن ماڭا يىتەرلىك بولىدىغان بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغىن ، چۈنكى مەن ئوقۇيالمايمەن . " دىدى . ئۇ : « سەن : " سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىگىن »، دىدى . ئۇ كىشى قولىنى يۇمۇش بىلەن ( كۆپ نەرسىنى ئۆگىنەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىپ ) ئىشارە قىلدى . ھەمدە : " بۇ بولسا پەرۋەردىگارىم ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈنچۇ ؟ " دىدى . ئۇ : « سەن : " ئاللاھۇممە ئىغفىرلىي ، ۋەرھەمنىي ، ۋەھدىنىي ، ۋەرزۇقنىي ، ۋە ئافىنىي " دىگىن » دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر قولىنى يۇمۇش بىلەن ئىشارە قىلدى ھەمدە ئورنىدىن تۇردى ." [ نەسائىي ( 924) ، ئەبۇ داۋۇد( 832) نەقىل قىلغان. ئۇنىڭ ئىسنادى مۇنزىرىي تەرىپىدىن " تەرغىيب ۋە تەرھىيب" تا بەلەن دەپ تۈرگە ئايرىلغان ، 2\430 . ھافىز بىن ھەجەر " تەلخىيس ئەل ھەبىير" دە ئۇنى ياخشى ھەدىيس دەپ كۆرسەتكەن ، 1\236 ] ئىبنۇ قۇددامە ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : " ئەگەر بىر كىشى قۇرئاندىن ھىچنىمىنى بىلمىسە ، ھەمدە ناماز ۋاقتى چىقىپ كىتىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئۆگىنەلمىسە ، ئۇنداقتا ئۇ :" سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىيىشى كىرەك . چۈنكى ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلدىكى ، بىر كىشى پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)قېشىغا كىلىپ : " مەن قۇرئاندىن ھىچ نەرسىنى ئۆگىنەلمەيۋاتىمەن ، شۇڭا ماڭا يىتەرلىك بولىدىغان بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغىن ." دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : « سەن : " سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىگىن »، دىدى . ئۇ : " بۇ بولسا ئاللاھ ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈنچۇ ؟ " دىدى . ئۇ : « سەن : " ئاللاھۇممە ئىغفىرلىي ، ۋەرھەمنىي ، ۋەھدىنىي ، ۋەرزۇقنىي ، ۋە ئافىنىي " دەيسەن » دىدى . ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ئالدىنقى بەش ئىبارىدىن ئوشۇق دىيىشى لازىم ئەمەس ، چۈنكى پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) پەقەت شۇنىلا دىگەن ، ھەمدە ئۇ ئۇنىدىن كۆپرەكنى سورىغاندا ، ئاندىن ئۇنىڭغا كوپرەك دەپ بەردى . ( ئىبۇ قۇددامەنىڭ سۆزى تۈگىدى .) بىراق ئەگەر بىر كىشى فاتىھەنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئوقۇيالايدىغان بولسا ، ئۇ ئاشۇ ئوقۇيالايدىغىنىنى ئوقۇشى لازىم . ھەمدە ئۇ ياخشى ئوقۇيالايدىغىنىنى تەكرار ئوقۇشى ( يەنى ، ئۇنىڭ ئوقۇيالايدىغىنىنىڭ جەمىئي سانى فاتىھەنىڭ ئايەتلىرىنىڭ سانىغا تەڭ يەتتە ئايەت بولغۇچە ) لازىم . ئىبنۇ قۇددامە مۇنداق دىگەن : ئۇنىڭ " سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىيىشى يىتەرلىك ، چۈنكى پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « قۇرئاندىن نىمىنى بىلسەڭ ، شۇنى ئوقۇ ، ئۇنداق بولمىسا ، ئاللاھنى مەدھىيلە ، ئۇنىڭ بىرلىكىنى جاكارلىغىن ھەمدە ئۇنى ئۇلۇغلىغىن . » [ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان .] " المغني " ( 1 / 289 ، 290 ) سىزنىڭ ئەگەر نامازخان فاتىھەنىڭ بىر ھەرىپىنى خاتا تەلەپپۇز قىلسا ، نامازنىڭ بىكار بولۇپ كىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئوقۇغىنىڭىز ھەممىگە ئومۇم ئەمەس . فاتىھەدىكى ھەر قانداق بىر خاتالىق نامازنى بىكار قىلمايدۇ ؛ بەلكى فاتىھەدىن مەلۇم نەرسە چۈشۈرلۈپ قويۇلمىسىلا ، ياكى تەلەپپۇز مەنىسىنى بۇرىۋىتىدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتمىسلا ئۇ بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نامزنىڭ بىكار بولۇپ كىتىشى ھەققىدىكى ھۆكۈم فاتىھەنى توغرا ئوقۇيالايدىغان ياكى ئۇنى ئۆگىنەلەيدىغان لىكىن قىلمايدىغانلارغا قارىتىلغان . ئۇنداق قىلالمايدىغانلارغا كەلسەك ، ئۇلار ئۇنى قۇربىنىڭ يىتىشىچە ئوقۇيدۇ ، ھەمدە ئۇ ئۇلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ، چۈنكى ئاللاھ كىشىگە ئۇنىڭ تاقىتىنىڭ سىرتىدىن بۇيرىمايدۇ . ئالىملار تەرىپىدىن قارار قىلىنغان ئاساسىي پىرىنسىپلارنىڭ بىرى بولسا ئاجىزلىق بىلەن ۋاجىپ يوق . المغني (2/154) كە قاراڭ . ھەمدە بۇ ھالەتتە ئۇ كۈچىنىڭ يىتىشىچە فاتىھەنى ئوقۇشى ئاندىن ئۇنىڭغا قوشۇپ " سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ " دىيىشى لازىم ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇ فاتىھەدىن كەم قويغانلىرىنى تولۇقلايدۇ . المجموع (3/375) . كە قاراڭ . ھەمدە ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەدىن( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دەپ سورالغان : " فاتىھەنى خاتا تەلەپپۇز قىلىدىغان بىرسىنىڭ نامىزى بىكار بولامدۇ –يوق ؟ " ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن : " ئەگەر بىر كىشى فاتىھەنى مەنىسىنى بۇرىۋەتمەيدىغان دەرىجىدە خاتا تەلەپپۇز قىلسا ، ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ ، مەيلى ئۇ ئىمام بولسۇن ياكى يالغۇز نامازخان بولسۇن . بىراق مەنىسىنى بۇرىۋىتىدىغان خاتا تەلەپپۇز قىلىشقا كەلسەك ، ئەگەر كىشى ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلسە ،مەسىلەن ، ئەگەر ئۇ : صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتُ عَلَيْهِمْ يەنى ،" ئەنئەمتە" نى " ئەنئەمتۇ دىسە ھەمدە ئۇ بۇ ئالماشنىڭ بىرىنچى شەخىستە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس . ھەمدە ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ مەنەنى بۇرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلمىسە ھەمدە بۇ ئالماش ئىككىنچى شەخىس بىرلىك دەپ ئويلىغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ھەرخىل قارىشى بار . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . " مجموع الفتاوى (22/443) . ھەمدە يەنە نامازدا زىبەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان سۆزنى زىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە سورالدى . ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى : ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلسە ھەمدە ئۇنى قەستەن قىلسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نامىزى بىكار بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ نامىزىنى ئويناۋاتىدۇ . لىكىن ئۇ ئۇنى بىلمىسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نامىزى ئالىملارنىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بىرىگە ئاساسلانغاندا بىكار بولمايدۇ . " مجموع الفتاوى (22/444) . شۇڭا ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان سىڭلىم ، سىز قاتتىق تېرىشىشىڭىز ھەمدە ئۇنى داۋاملىق مەشىق قىلىشىڭىز كىرەك . سىز ئۇنى ئۇنى ياخشى ئوقۇيالايدىغان يەنە بىر مۇسۇلمان ھەمشىرىگە ئوقۇپ كۆرۈش ، لىنتىلاردىكى ياكى رادىئودىكى ماھىر قارىلار ئوقۇغان قىرائەتلەرنى تىڭشاش ئارقىلىق ئۇنى قىلالايسىز . ئۇ ھەقتە ئەنسىرەش ، غەم قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى بىلىدۇ ، ھەمدە ئۇ كىمنىڭ قاتتىق تېرىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقىنىنى ، ۋە كىمنىڭ ھورۇن ، بىخۇدلىقىنى بىلىدۇ . سىز قۇرئان ئوقۇش جەھەتتە بايقىغان قىيىنچىلىق سىزنىڭ ياخشىلىقلىرىڭىز ۋە ساۋاپلىرىڭىزنى ئاشۇرىدۇ . نەقىل قىلىندىكى ، ئائىشە ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى : « قۇرئان ئوقۇشتا ماھىر كىشى ئىسىل ۋە ئىتائەتمەن پۈتۈكچىلەر( يەنى ، پەرىشتىلەر) بىلەن بىللە بولىدۇ . ھەمدە قۇرئاننى ئوقۇيدىغان ، ھەمدە ئۇ ئۇنىڭغا قىيىن كەلگەنلىكتىن ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرىپ قىلىدىغان كىشى ئىككى ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ . » " . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 798 ] نەۋەۋىي ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : " ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلىدىغان كىشى بولسا ئۇنى ياخشى يادلىيالمىغانلىقتىن قىرائىتىدە دۇدۇقلايدىغان كىشى . ئۇ ئىككى ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ : ئۇنى ئوقۇغانلىقىغا ئەجىر ھەمدە ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلغىنىغا ئەجىر . " ئايەتلەرنى بىر قىتىمدىن ئوشۇق تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى بۇ بولسا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قىلغان ياكى ئۆگەتكەن نىمە ئەمەس . بەلكى ئۇ ۋەسۋەسىگە ئىشىك ئاچىدۇ ، نامازنى كىمەيتىۋىتىدۇ ، دىققىتىنى چاچىدۇ ، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئويلاشتىن قويىدۇ ، ھەمدە شەيتاننى خۇش قىلىدۇ . چۈنكى ئۇ ئۇنىڭدىن نامازخاننىڭ ئاخىرى ناماز ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن ئۇنى قىيناشقا يول تاپالايدۇ . بىراق ئاللاھ ئەڭ مىھرىبان ۋە رەھىملىك ، ھەمدە ئۇ بىزگە ئۆزىمىزدىنمۇ بەكرەك رەھىملىك ، ھەمدە ئۇ بىزگە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان نىمىنى ئارتمايدۇ .