مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بىرىنچى :
مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىشلاردا ، ئىبادەتلەردە ھەرقانداق باشقا مىللەتلەرنى دوراشنىڭ
دوراشنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى ئاللاھ دىنىنى مۇكەممەل قىلىپ بولدى ، نىئىمىتىنى
تاماملىدى ، ھەمدە ئىسلامنى دىنىمىز بولۇشقا تاللىدى ، ئۇ ئېيىتقاندەك :
« ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺴﻼﻡ
ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ » [ داستىخان 5 : 3 ]
ئىسلام مۇسۇلمانلارنى ، كاپىرلارنى بولۇپمۇ يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنى دوراشتىن
چەكلەيدۇ ، لىكىن بۇ چەكلەش ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا قارىتىلغان بولماستىن ، بەلكى
ئۇلارنىڭ دىنى ۋە ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى
دوراشقا قارىتىلغان .
ئەبۇ سەئىيد خۇدرىيدىن نەقىل قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « سىلەر ئىلگىركى كىشىلەرنىڭ يوللىرىغا
غېرىچمۇ-غېرىچ ، گەزمۇ-گەز ئەگىشىسىلەر، ھەتتا ئەگەردە ئۇلار پاتمىچۇقنىڭ ئۇۋىسىغا
كىرگەن بولسا سىلەرمۇ ئۇنىڭغا كىرىسىلەر . » بىز : ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، يەھۇدىي ۋە
خىرىستىئانلارغىمۇ؟ دىدۇق ، ئۇ :« كىم ئەمىسە؟ » ، دىدى . (بۇخارىي (1397)،
مۇسلىم(4822) نەقىل قىلغان )
بۇ ھەدىيس شۇنى كۆرسىتىدۇكى ، يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنى دوراش ھارام ، ھەمدە
ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر ۋە ئۇلارغا ئوخشاش يول ماڭغۇچىلار ئەيىپلىنىدۇ ، ئىسلام
كاپىرلارنى دورىغۇچىلارنى ئۇلارغا ئوخشاش دەپ سۈپەتلەش ئارقىلىق بۇ چەكلىمىنى
كۈچەيىتتى .
ئابدۇللاھ بىن ئۇمەردىن نەقىم قىلىندىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « كىمكى بىر خەلقنى دورايدىكەن ، ئۇ
ئۇلارنىڭ بىرىدۇر . » (ئەبۇ داۋۇت نەقىل قىلغان ،3512 . ئەلبانىي[ إرواء الغليل] دە
توغرا ھەدىيس دەپ تۈرگە ئايرىغان .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىييە(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق
دىگەن :
گەرچە ئۇنىڭ ئاشكارا مەنىسى ئۇلارنى دورىغۇچى كاپىر بولسىمۇ ، بۇ ئاز دىگەندىمۇ
ئۇلارنى دوراشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ .
[ اقتضاء الصراط المستقيم، 237 ] .
كاپىرلارنى دورىغۇچى ئۆزىنى تۆۋەن ، كەمتۈك ھىس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىدىكى
بۇ نۇقسانلىق تۇيغۇسىنى ئۇ ماختايدىغان كىشىلەرنى دوراش ئارقىلىق تولدۇرۇشقا
ئالدىرايدۇ . ئەگەر بۇ كىشىلەر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بۈيۈكلىكىنى پىكىر قىلسا ، ئۇلار
كەينىدىن يۈگرەۋاتقان ئۇ مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك چىرىكلىكىنى چۈشەنسە ، ئۇلار
ئۆزىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كەمتۈك ۋە چىرىك بىرنەرسە ئۈچۈن مۇكەممەل ۋە
ھەقىقى بىر نەرسىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى .
ئىككىنچى :
بىزگە چەكلەنگەن دوراشنىڭ تۈرلىرى كۆپ .
پېشىۋا سالىھ فەۋزان مۇنداق دىدى :
كاپىرلار دورىلىدىغان ئىشلار ئىبادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، مەسىلەن ، شىرىككە
ياتىدىغان ئىشلاردا ئۇلارنى دوراش ، مەسىلەن ، قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە(قۇرۇلۇش)سېلىش ،
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىبادەتگاھلارنى سېلىش ۋە ئۇلار ھەققىدە ئاشۇرۋىتىش .
پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : «
ئاللاھنىڭ لەنىتى يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارغا بولسۇن ، چۈنكى ئۇلار
پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالدى .» (بۇخارىي(425)، مۇسلىم(531)
نەقىل قىلغان . ھەمدە ئۇ بىزگە مۇنداق دەپ بەردى : « ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئادەم
ئۆلسە ، ئۇلار ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە ئىبادەتگاھ سالاتتى ، ھەمدە ئۇنىڭغا
رەسىملەرنى ئورۇنلاشتۇراتتى ، ھەمدە ئۇلار ئەڭ رەزىل كىشىلەردۇر . » ( بۇخارىي(417)
، مۇسلىم(528) .)بۈگۈنكى كۈنلەردە قەبرىلەر ھەققىدە ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىش چوڭ
شىرىكنىڭ مىساللىرىدۇر ، بۇ ئالىملار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگىمۇ ناھايىتى تونۇش .
بۇنىڭ سەۋەبى - يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنى دوراش .
يەنە بىر مىسال بولسا ئۇلارنىڭ شىرىك ۋە بىدئەت بايراملارنى دورىشى ، مەسىلەن ،
تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ، مەيلى پەيغەنبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن ) تۇغۇلغان كۈنى بولسۇن ، ياكى پرېزدېنت ۋە پادىشدھلارنىڭ تۇغۇلغان
كۇنى بولسۇن .ياكى بۇ بىدئەت ۋە شىرىك بايراملار كۈنلەر ياكى ھەپتىلەر بىلەن
ئاتالسۇن ، مەسىلەن ، دۆلەت بايرىمى كۈنى ياكى مۇستەقىللىق كۈنى ، ياكى ئانىلار
بايرىمى كۈنى ، ياكى سەھىيە ھەپتىلىكى ۋە باشقا تەبرىكلىنىدىغان كۈن ۋە ھەپتىلەر .
بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارغا كاپىرلار تەرىپىدىن كەلگەن ، چۈنكى ئىسلامدا پەقەت
ئىككىلا بايرام بار : روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت. بۇنىڭدىن باشقىسى بىدئەت ۋە
كاپىرلارنى دوراش .
[ كاپىرلارغا زىت بولۇش] ناملىق نۇتۇقتىن .
47060-سۇئالنىڭ جاۋابىدا بىز، كاپىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كىيىم-كىچەكلىرىدە ،
ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خاس ئادىتىگە ئايلانغان ساقالنى چۈشۈرۈشتە ئۇلارنى دوراشنىڭ
چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ بولدۇق .
ئۈچۈنچى :
كاپىرلارنى دوراش توغىرسىدىكى چەكلىمە ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە
خاس بولغان ۋە ۋە پەرىقلىنىدىغان ئادەت-يۇسۇنلارغا قارىتىلغان بولۇپ ، بىز
مەنپەئەتلىنىدىغان ئۇلار قىلغان ۋە ياراتقان نەرسىلەر ئەمەس . ئەگەر مۇسۇلمانلار
ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولسا ئۇلارغا گۇناھ يوق ، بەلكى مۇسۇلمانلار ئۇنداق ئىشلاردا
ئالدىدا بولۇشى كىرەك .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن :
كاپىرلارنى دوراش سۆزىگە كەلسەك ، ئۇ ئۇلار ياسىغان ھەرقانداق نەرسىنى
ئىشلەتمەسلىكىمىز كىرەك دىگەن مەنىنى ئۇقتۇرمايدۇ . ھىچكىمنىڭ ئۇنداق نەرسىنى
دىگىنى يوق . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دەۋرىدە
ھەمدە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرلەردە كىشىلەر كاپىرلار ئىشلىگەن كىيىملەرنى ئىشلەتكەن
ھەمدە ئۇلار ياسىغان قاچا-قۇچىلارنى ئىشلەتكەن .
كاپىرلارنى دوراش دىگەنلىك ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كىيىم -كېچەك ۋە زىننەتلەرنى
دوراشتۇر . ئۇ ئۇلار مىنگەن نەرسىگە مىنمەسلىك ياكى ئۇلار كېيگەن نەرسىنى كىيمەسلىك
دىگەنلىك ئەمەس . بىراق ئۇلار ئۆزىگە خاس مۇئەييەن سۈپەتتە مىنسە ، ئۇنداقتا بىز ئۇ
سۈپەتتە مىنمەسلىكىمىز لازىم . ئەگەر ئۇلار كىيىملىرىنى ئۆزىگە خاس بولغان مەلۇم
پاسوندا تىكسە بىز ئۇنىڭغا ئوخشاش قىلماسلىقىمىز لازىم . لىكىن بىزنىڭ ئۇلارنىڭكىگە
ئوخشاش ماشىنىمىز بولسا ، ھەمدە ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش توقۇلما بۇيۇمىمىز بولسا ،
ئۇنىڭدا ھىچنىمە بولمايدۇ .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىينننىڭ فەتىۋالار توپلىمى ،12، 177- سۇئال .
ھەمدە ئۇ مۇنداق دىگەن :
دوراشنىڭ ئىنىقلىمىسى بولسا ، دورىغۇچى ئۇدوراۋاتقانلارغا خاس بولغان بىر نەرسىنى
دورىغان بولسا ئەنە ئۇ دورىغىچىدۇر . كاپىرلارنى دوراش بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇلارنىڭ
ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولغان نەرسىنى دوراشنى كۆرسىتىدۇ .
مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللىقاچان كەڭ تارقالغان، كاپىرلار ئۇنىڭ بىلەن ئانچە
پەرىقلەنمەيدىغان نەرسىگە كەلسەك ، ئۇنداقتا بۇ كاپىرلارنى دوراش ئەمەس ، ھەمدە
ئۇنىڭ بىر دوراش بولۇشى بىلەن ، ئۇ ھارام ئەمەس ، لىكىن ئۇ باشقا سەۋەپلەر بىلەن
ھارامدۇر . بىزىڭ دىگەنلىرىمىزبولسا[ دوراش ] سۆزىنىڭ مەنىسى كۆرسەتكەن نەرسىدۇر .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ فەتىۋالار توپلىمى ، 12 ، 198- سۇئال .
21694-سۇئالنىڭ جاۋابىدا كاپىرلارنى دوراشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە تەپسىلى مۇزاكىرەلەرنى
تاپالايسىز . تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات ئۈچۈن 43160 - سۇئالغا قاراڭ .
تۆتىنچى :
غەيرى ئىسلام مەدەنىيتىدە ھەم پايدىلىق ھەم زىيانلىق نەرسىلەر بار . بىز ياخشى
نەرسىلەرگە سەل قارىماسلىقىمىز ، زىيانلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كىرەك .
بۇ پوزىتسىيەنى پېشىۋا شەنقىيتىي( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) يەكۈنلەپ
مۇنداق دىگەن :
بىزنىڭ غەرپ مەدەنىيتىگە بولغان پوزىتسىيمىز تۆت نەرسىنىڭ بىرى بولىدۇ ، بەشىنچىسى
يوق :
1- بۇ مەدەنىيەتنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ۋە ناچار تەرەپلىرىگە ئوخشاش سەل قاراش .
2- ئۇنىڭ ياخشى ۋە ناچار تەرەپلىرىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىش .
3- ياخشى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلماستىن ، ناچار نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش .
4- ناچار نەرسىلەرنى ئەمەس ، ياخشى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش .
ئالدىنقى ئۈچى شۈبھىسىزكى خاتا ، ئۇلارنىڭ پەقەت بىرسىلا توغرا ، يەنى ئەڭ
ئاخىرقىسى .
[أضواء البيان ](4\382 ).
بەشىنچى :
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدنىڭ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) « مۇسۇلمانلار ياخشى دەپ
قارىغان نەرسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشىدۇر .» دىگەن سۆزىگە كەلسەك ، بۇ
شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ ، بەلكى ئەقلى تەپەككۇر ئاساسىدا
ياخشى دەپ قارالغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ . ئىمام شافىئىي(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت
قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : كىمكى بىر نەرسىنى ياخشى دەپ قارايدىكەن ، ئۇ شەرىئەت
قىلىنىدۇ. »بۇ بىر ئادەمنىڭ بىر نەرسىنى ياخشى دەپ قارىشىنى كۆرسەتمەستىن ، بەلكى
كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قارىشىنى كۆرسىتىدۇ . بەلكى بۇ ئىبارە ئىككى ئۇسۇلنىڭ بىرى
بىلەن چۈشەندۈرلىشى مۇمكىن ، ھەر ئىككىلىسى توغرادۇر :
1- ئۇنىڭدا دىمەكچى بولغىنى ، شەرىئەتكە زىت كەلمەيدىغان ئەنئەنە ۋە
قائىدە-يۇسۇنلار
2- ئۇنىڭدا دىمەكچى بولغىنى ، بىرلىككە كىلىنگەن قاراشنىڭ دەلىل بولۇشى ، ئەگەر
مۇسۇلمانلار بىرنەرسىنى ياخشى دەپ ئويلاپ پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلگەن بولسا ، بۇ
بىرلىككە كىلىنگەن قاراش دەلىل ھىساپلىنىدۇ .شۇڭا بۇ ئىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ
ياخشى ھىساپلىنىدۇ . مانا بۇ «مۇسۇلمانلار ياخشى دەپ قارىغان نەرسە» ئىبارىسىنىڭ
كۆرسىتىدىغان مەنىسى .
سەرخەسىينىڭ [المبسوط ]، 12\138 ، ئىبنۇل قەييىمنىڭ [ الفروسية ] 298ب كە قاراڭ .
يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان بۇ يەشمىلەر، ئەگەر بىز ئىبنۇ مەسئىۇدنىڭ سۆزى ئومۇمى
جەھەتتىن بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دەپ چۈشەندۈرسەك ئاندىن كۈچكە ئىگە
.بىراق گەپنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇ باشقىلارنى ئەمەس ، پەقەت پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەمرالىرىنى(ساھابىلارنى) كۆرسىتىۋاتقاندەك
قىلىدۇ .ئىبنۇ مەسئۇدنىڭ دىگەن سۆزى بولسا :« ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ يۈرەكلىرىگە
قارىدى ،ھەمدە مۇھەممەدنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن)يۈرىكىنى ئۇنىڭ بارلىق بەندىلىرىنىڭ يۈرەكلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى
ئىكەنلىكىنى بايقىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆزىگە تاللىدى ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەلچىسى
قىلىپ ئەۋەتتى . ئاندىن ئۇ مۇھەممەدنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن)يۈرىكىدىن كىيىن بارلىق بەندىلىرىنىڭ يۈرەكلىرىگە قارىدى ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ
ھەمراھلىرىنىڭ(ساھابىلەر)يۈرەكلىرىنى بارلىق بەندىلىرىنىڭ يۈرەكلىرى ئىچىدە ئەڭ
ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى ، شۇڭا ئۇ ئۇلارنى دىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان
پەيغەمبىرىنىڭ ياردەمچىلىرى قىلدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ياخشى دەپ قارىغان نەرسە
ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشى ، نىمىنى مۇسۇلمانلار ناچار دەپ قارىسا ئاللاھنىڭ
نەزىرىدىمۇ ناچاردۇر .»
ئەھمەت نەقىل قىلغان ، 3418 ؛ پېشىۋا ئەلبانىي[ تخريج الطحاوية ] دە ياخشى ھەدىيس
دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 530 .
نىمىلا بولمىسۇن ، ئىبنۇ مەسئۇدنىڭ سۆزىنى ئىسلامدا چەكلەنگەن نەرسىنى ، مەسىلەن ،
مۇشرىكلارنى دوراشنى ياخشى دەپ قاراشقا قارىتىپ دەلىل سۈپىتىدە تىلغا ئېلىش دۇرۇس
ئەمەس .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .