مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن.
ئىمام مەھدىي بولسا مۇھەممەدنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن
) ئەۋلادلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدىغان توغرا يوللۇق كىشى بولۇپ ، ئۇ زامان ئاخىرى
بولغاندا مەيدانغا چىقىدۇ . ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ
قىلىدۇ . ھەمدە زىمىنغا ، ئۇ زۇلۇم ۋە ئېزىشقا تولغىنىدەك ، ئادىللىق ۋە
باب-باراۋەرلىكنى تولىدۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئىسمى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى
پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دادىسىنىڭ ئىسمى
بولىدۇ . شۇڭا ئۇ مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ مەھدىي ، ياكى ئەھمەد بىن ئابدۇللاھ
مەھدىي بولىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ نەسىبى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) قىزى فاتىمەگە ئۇلىشىدۇ ، ھەمدە ئۇ ھەسەن بىن ئەلىينىڭ
ئەۋلادىدىن بولىدۇ . ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىڭ بەلگىسى بولسا دەۋىرنىڭ بۇزۇلىشى ،
زىمىننىڭ زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقكە تولۇشى .
ئۇنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە يۇقۇردا بايان قىلىنغان سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر
نەچچە ھەدىيس بار . بۇ نەقىللەر بىرلەشتۈرۈلسە ، مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يىتىپ بارىدۇ
( يەنى ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن نەقىل قىلغان
،ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ بىر يالغانچىلىققا بىردەك بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى
بولمايدىغان ) بۇ 1252- سۇئالدا تىخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرلىدۇ .
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدىغان تەرتىپلەرگە كەلسەك ، ئالىملار ئوتتۇرسىدا بەزى
ئىختىلاپى قاراشلار بار . سەۋەبى ، ئۇ لارنىڭ تەرتىۋى سۈننەتتە كەلمىگەن ، لىكىن
ئالىملار بەزى ھادىسىلەرنىڭ تەرتىۋىنى تۆۋەندىكىچە جەزىملەشتۈردى :
1- قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشى : ئۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ ،
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇئەييەن تەرتىپ يوق . بۇلار : پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلىمى ، ئەمۋاس
ۋاباسى ، پىتنىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى ، سەمىمىيلىكنىڭ يوقۇلىشى ، بىلىم-مەرىپەتنىڭ
يوقۇلىشى ، نادانلىقنىڭ مەيدانغا چىقىشى ، جازانە ، چالغۇلار ۋە ھاراقنىڭ كىڭىيشى ،
ۋە ئۇلارنى ھالال دەپ قاراش ، ئىگىز بىنالارنى سىلىشتا بەسلىشىش ، قان تۆكۈشنىڭ كۆپ
بولۇشى ، ۋاقىتنىڭ بەك تىز ئۆتۈپ كىتىشى ، مەسچىدلەرنىڭ بىزىلىشى ، شىرىكنىڭ
ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇشى ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ كىڭىيىشى ، بىخىللىقنىڭ كۆپ بولۇشى ،
كۆپ يەر تەۋرەشلەر ، تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشۈش ، قىياپەت ئۆزگىرىش ۋەئاسماندىن تاش
چۈشۈشنىڭ كۆرۈلىشى ، توغرا يوللۇق كىشىلەرنىڭ يوقۇلىشى ، مۇئىمىننىڭ چۈشىنىڭ راست
چىقىشى ، سۈننەتلەرگە سەل قاراش ، يالغانچىلىقنىڭ كۆپ بولۇشى ، يالغان گۇۋاھلىق
بىرىشنىڭ كۆپ بولۇشى ، تۇيۇقسىز ئۆلۈمنىڭ كۆپ بولۇشى ، يامغۇرنىڭ كۆپ يىغىشى لىكن
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاز بولۇشى ، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش ، رىملىقلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى
ۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ، ۋە باشقا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دىن نەقىل قىلىنغان سەھىيھ ھەدىيسلەردىكى ئالامەتلەر .
2- مەھدىينىڭ مەيدانغا كىلىشى ، ئۇ دەججالنىڭ چىقىشىدىن بۇرۇن ، ۋە ئەيسا بىن
مەريەمنىڭ چۈشىشىدىن بۇرۇن مەيدانغا كىلىدۇ . بۇ جابىرنىڭ ھەدىيسىدە كۆرسىتىلگەن ،
ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « ئەيسا بىن مەريەم چۈشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ
رەھبىرى مەھدىي : "كىلىپ ، بىزگە نامازدا ئىمام بولغىن ،" دەيدۇ . ئۇ : " ياق ،
ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ھۆرمىتى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئىمام
بولىدۇ " دەيدۇ . » [ ئۇنى ئەبۇ ئۇسامە مۇسنەدىدە نەقىل قىلغان . ھەمدە ئىبنۇ
قەييىم «مەنار ئەل مۇنىيف» تە ئىسنادى بەلەن دىگەن . بۇ ھەدىيسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى
سەھىيھ مۇسلىمدا رەھبەرنىڭ ئىسمى ئاتالماستىن مۇنداق نەقىل قىلىنغان:« ... ئەيسا
بىن مەريەم چۈشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رەھبىرى مەھدىي : "كىلىپ ، بىزگە نامازدا
ئىمام بولغىن ،" دەيدۇ . ئۇ : " ياق ، ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ھۆرمىتى
سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئىمام بولىدۇ " دەيدۇ . » [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل
قىلغان ، 225 ] شۇنىڭ بىلەن ئەيسا( ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) مەھدىيگە ئىقتىدا
قىلىدۇ ،بۇ ئۇنىڭ ئەيسادىن بۇرۇن كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ھەمدە ئەيسا دەججالنى
ئۆلتۈرىدۇ ، بۇ دەججالنىڭ مەھدىنىڭ زامانىدا مەيدانغا كىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
( 10301- سۇئالغا قاراڭ )
3- دەججالنىڭ چىقىشى . ( ئۇنىڭ چىقىشىنىڭ تەپسىلاتىنى 8806- ، 171- ، 8301-
سۇئاللاردىن كۆرۈڭ .)
4- ئەيسا بىن مەريەمنىڭ چۈشىشى ۋە ئۇنىڭ دەججالنى ئۆلتۈرىشى . ( 10302- سۇئالغا
قاراڭ )
5- يەجۇج ۋە مەجۇجنىڭ چىقىشى ، يەجۇج ۋە مەجۇجنىڭ چىقىشىنىڭ ئەيسا ( ئۇنىڭغا
ئامانلىق بولسۇن) زامانىدا بولۇشىنى نەۋاس بىن سەمئاننىڭ ھەدىيسى . ئۇنىڭدا
پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۇلارغا دەججال
ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دىگەن : « ئۇ ئاشۇنداق ھالەتتە ، ئاللاھ ئەيساغا ۋەھىي
قىلىدۇ : « مەن ھىچكىم ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلالمايدىغان بەندىلىرىمنى چىقىرۋەتتىم
. بەندىلىرىمنى تۇر تېغىدىكى بىخەتەر جايغا ئىلىپ بارغىن . ھەمدە ئاللاھ يەجۇج ۋە
مەجۇجنى ئەۋەتىدۇ . ئۇلار ھەر بىر دۆڭدىن توپ-توپ بولۇپ چۈشىدۇ . ئۇلارنىڭ بېشى
تىبرىيە كۆلىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭدىكى سۇلارنى ئىچىۋىتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭدىن
ئۆتۈپ : " ئىلگىرى بۇ يەردە سۇ بارمىدى ." دەيدۇ . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2937
] ( 171-، 3437- سۇئاللارغا قاراڭ )
ئاندىن قىيامەت ئالامەتلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى بولۇپ تىز سۈرئەتتە كىلىدۇ .
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « ئالامەتلەر خۇددى يىپتىن مارجان چۈشكەندەك
كەينى-كەينىدىن كىلىدۇ .» [ تەبەرانى « مۇئېجەم ئەل ئەۋسەت» تە نەقىل قىلغان ،
ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھ جامىئېدا ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان . ] ئاندىن قۇياش
غەرىپتىن كۆتۈرلىدۇ ، بىر مەخلۇق پەيدا بولىدۇ ، ئاندىن تاغ گۈمۈرلەشلەر ، ۋە باشقا
چوڭ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئاللاھتىن ئۆلگىچە مۇستەھكەم تۇرۇشنى سورايمىز ، ھەمدە
ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
تىخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن : د. ئابدۇل ئەلىيم بەستەۋىينىڭ « بىز كۈتىۋاتقان مەھدىي»
1\ 356 ، يۇسۇف ۋابىلنىڭ « قىيامەت ئالامەتلىرى » 249-ب ، ۋە 3259- سۇئالغا قاراڭ .
]