الحمد للہ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
مۇسۇلمان كىشى ئىمكانىيىتى يەتكەنگە قەدەر ھەج قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى» ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:« پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭلار، سىلەرنىڭ بېرىڭلار كېيىن نېمە ئىشلارغا دۈچ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد(1\314) رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي ئىرۋائۇل غەلىلدە (990) ھەسەن دېگەن.