مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
نامازنىڭ ئىسلامدا باشقا ھەرقانداق ئىبادەت ئۇنىڭغا يىتەلمەيدىغان كاتتا ئورۇنغا
ئىگە . . . بۇنى تۆۋەندىكىلەر كۆرسىتىدۇ :
بىرىنچى : ئۇ بولسا دىن پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا ئۆرە تۇرىدىغان دىننىڭ تۈۋرىكى ...
مۇئاز بىن جەبەل نەقىل قىلغان ھەدىيستە ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « مەن سىلەرگە پۈتكۈل ئىشنىڭ بېشى ،
ئۇنىڭ تۈۋرىكى ۋە چوققىسىنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ ؟ » مەن( مۇئاز) : " ھەئە ، ئى ئاللاھ
ئەلچىسى ." دىدىم . ئۇ :« ئىشنىڭ بېشى ئىسلام ، ئۇنىڭ تۈۋرىكى ناماز ھەمدە ئۇنىڭ
چوققىسى بولسا جىھاد .» دىدى . [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 2616 . ئەلبانىي سەھىيھ
تىرمىزىيدا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىدى ، 2210 ]
ئىككىنچى : ئۇ ئىككى گۇۋاھلىق سۆزىگە نىسبەتەن كىشىنىڭ ئىتىقادىنىڭ ساغلاملىقىنى
تىخىمۇ ئىسپاتلاش ھەمدە ئۇنىڭ قەلبىدە قارارلانغان ئىتىقادىنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان
دەلىلى سۈپىتىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .
ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن مۇنداق دىگەن :«
ئىسلام بەشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان : ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، ۋە مۇھەممەد
ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىش ، ناماز نى تۇرغۇزۇش ، زاكات
بېرىش ، ئۆينى زىيارەت قىلىش ( ھەج قىلىش) ، ۋە رامىزاندا روزا تۇتۇش .» [
بۇخارىي(8) ، مۇسلىم ( 16 ) نەقىل قىلغان .]
نامازنى تۇرغۇزۇش : ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋە ھەركەتلىرىنى مۇكەممەل قىلىپ ، ئۇنىڭ
بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئادا قىلىش . خۇددى قۇرئاندا كەلگەندەك ، ئاللاھ مۇنداق
دىگەن : « ھەقىقەتەن ناماز مۇئىمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن ھالدا پەرز قىلىندى .»
ئۈچۈنچى : نامازنىڭ قالدى ئىبادەتلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ پەرز قىلىنىش ئورنى
جەھەتتە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە . . .
يەنى ئۇنى پەرىشتە زىمىنغا ئىلىپ چۈشمىدى ، لىكىن ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدنى (
ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئاسمانغا ئىلىپ چىقىش بىلەن
نىئېمەتلەندۈردى ھەمدە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا نامازنىڭ پەرزلىكىنى بىۋاستە ئېيىتتى .
ھەمدە بۇ ئىش بارلىق ئىسلام شەرىئەتلىرى ئارىسىدا نامازنىڭ ئۆزگىچىلىكى .
ناماز ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن مىئېراج كېچىسى پەرز قىلىنغان .
ناماز 50 ناماز بولۇپ پەرز قىلىنىپ ئاندىن سانى بەشكە يەڭگىللىتىلگەن ، ھەمدە 50
نامازنىڭ ساۋابى بەش نامازدا ساقلىنىپ قالغان . مانا بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بولغان
ياخشى كۆرۈشى ۋەئۇنىڭ ئورنىنىڭ كاتتىلىقىغا دەلىل .
تۆتىنچى : ناماز ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ . .
بۇخارىي( 528) ، مۇسلىم( 667) ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلدىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى (
ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن – بەكرىنىڭ
ھەدىيسىدە ، ئۇ ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان : « ئويلاپ
باقتىڭلارمۇ ؟ سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىدە بىر دەريا بولسا ھەمدە ئۇ ئۇنىڭدا ھەر
كۈنى بەش قىتىم يۇيۇنسا ، ئۇنىڭدا بىرەر كىرنىڭ ئىزى قالامدۇ ؟ » ئۇلار : " ئۇنىڭدا
ھىچقانداق كىر ئىزى قالمايدۇ ." دىدى . ئۇ : « ئەنە ئۇ كۈندىلىك بەش نامازغا
ئوخشايدۇ ، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ .»
بەشىنچى : ناماز بولسا دىننىڭ يوقۇلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قىسمى ، ھە مدە ناۋادا ئۇ
يوقالسا دىننىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ .
نەقىل قىلىندىكى ،جابىر بىن ئابدۇللاھ مۇنداق دىگەن :" ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « كىشى بىلەن شېرىك ۋە
كاپىرلىقنىڭ ئارىسى بولسا ئۇنىڭ نامازنى تاشلىشى .» [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 82 ]
شۇڭلاشقا مۇسۇلمان نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ، ئۇنىڭغا ھورۇنلۇق
قىلماسلىقى ۋە سەل قارىماسلىقى لازىم . ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋاي ! . ئۇلار نامازلىرغا سەۋەنلىك قىلىدۇ ( ۋاقتىدىن
كېچىكتۈرۈپ ئوقۇيدۇ ) » [ مائۇن( قولقا) : 4-5 ]
ھەمدە ئاللاھ نامازلىرىنى يوقىتىۋەتكۈچىلەرنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ :
« ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ) ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﺘﻰ،
ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺧﺎﻫﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ) ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. »
[ مەريەم: 59 ]
ئالتىنچى : ناماز بەندە قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان بىرىنچى نەرسە :
نەقىل قىلىندىكى ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دىگەن : " مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : « بەندە
قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان بىرىنچى ئىش ئۇنىڭ نامىزى بولىدۇ . ئەگەر ئۇ
ياخشى بولسا ئۇنداقتا ئۇ راۋاج تاپىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ ، بىراق ئۇ ناچار بولسا ،
ئۇنداقتا ئۇ ۋەيران بولىدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ . ئەگەر ئۇ پەرىز نامىزىنى كەم قىلغان
بولسا ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگار : « قاراڭلار ، بەندەمنىڭ نەپلى نامىزى بارمۇ-يوق ؟
پەرىزدىن كەم بولۇپ قالغانلىرى ئۇنىڭ بىلەن تولۇقلىنىدۇ .» دەيدۇ .ئاندىن باشقا
ئىش-ئەمەللىرىمۇ مۇشۇ تەرىقىدە بولىدۇ .» [ نەسائىي(465) ، تىرمىزىي ( 413)نەقىل
قىلغان . ئەلبانىي سەھىيھ جامىئېدا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 2573 ]
ئاللاھتىن بىزنىڭ ئۇنى ئەسلەپ تۇرىشىمىزغا ، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا ۋە
ئۇنىڭغا ياخشى ئىبادەت قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى سورايمىز .
مەنبەلەر : كتاب الصلاة للدكتور الطيار ص 16 ، وتوضيح الأحكام للبسام 1/371 ،
وتاريخ مشروعية الصلاة للبلوشي ص 31 .