مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم ، سىزنىڭ كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىش ۋە
ئۇلارغا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ھەقىقىلىقىنى چۈشەندۈرىشىڭىز بىزنى تولىمۇ خۇشال
قىلىدۇ . ئاللاھنى بىلىش ساغلام تەبىئەتكە ۋە ساغلام ئەقىلگە ئۇيغۇن . قانچىلىغان
كىشىلەر باركى ، ئۇلارغا ھەقىقەت ئايدىڭ بولغاندا ، ئۇلار ئاللاھقا بويسۇنۇشقا ،
يەنى دىنغا كىرىشكە ئالدىرىدى . ئەگەردە ھەر بىرىمىز دىنىغا بولغان مەجبۇرىيتىنى
ئادا قىلسا ئىدى ، ناھايىتى كاتتا ياخشىلىقلار ۋۇجۇتقا چىققان بولاتتى . شۇڭا بىز
سىزنى، قېرىندىشىمىز نىڭ پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغىنى
ئۈچۈن تەبرىكلەيمىز ، ھەمدە بىز سىزگە ۋەدە قىلىنغان كاتتا مۇكاپات بىلەن خۇش خەۋەر
بىرىمىز ، پەيغەمبىرىڭىز (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)
دىگەندەك : « ئەگەر ئاللاھ بىر كىشىنى سىنىڭ قولۇڭدا توغرىغا يىتەكلىگەن بولسا ، بۇ
ساڭا قىزىل تۆگىلەردىنمۇ ياخشى بولاتتى . » [ بۇخارىي(3\134) ،مۇسلىم(4\1872) نەقىل
قىلغان . " قىزىل تۆگىلەر" بولسا تۆگىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تۈرى .
ئىككىنچى :
ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىسپاتىغا كەلسەك ، بۇ ئۇنى مۇلاھىزە قىلىدىغان كىشىگە
ئىنىق . ھەمدە ئۇزۇن ئىزدىنىشنىڭ ھاجىتى يوق . بىز بۇنى مۇلاھىزە قىلساق ، ئۇنىڭ
ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز : تۇغما تەبىئەت دەلىللىرى ، ھىسسىي
دەلىللەر ، ۋە شەرئىي دەلىللەر .ھەمدە ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزگە ئايدىڭ
بولىدۇ .
بىرىنچى :
تۇغما تەبىئەت دەلىلىرى :
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن:
" تۇغما تەبىئەتنىڭ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دەلىللىشى شەيتانلار ئاداشتۇرۋەتمىگەن
كىشى ئۈچۈن دەلىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلىكى . شۇڭا ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ظعسلام دعنعغا
يىزلةنضعن،الله نعث تەبىئىتى(ئۇنىڭ دعنعغا) )ظةضةشكعنكع) الله ظعنسانلارنع شذ دعن
بعلةن ياراتقان .» [ رۇم(رىم) : 30]
ئادەمنىڭ ساغلام تەبىئىتى ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقىغا گۇۋاھلىق بىرىدۇ ، ھەمدە شەيتانلار
ئۇنى ئازدۇرۋەتمىسىلا ، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كىتەلمەيدۇ . كىمكى شەيتانلار
تەرىپىدىن ئازدۇرلىدىكەن ، بۇ دەلىلنى تونۇپ يىتەلمەيدۇ . "
[ « شەرھ سەفارىينە » دىن ئىلىندى . ]
ھەر بىر كىشى ئۇنىڭ بىر پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسى بارلىقىنى ئىچىدە ھىس قىلىدۇ ،
ھەمدە ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا مۇھتاج ھىس قىلىدۇ . ئەگەر بىرەر چوڭ ئاپەت ئۇنىڭغا چۈشسە
، ئۇ ئىككى قولىنى ، ئىككى كۆزىنى ۋە قەلبىنى پەرۋەردىگارىدىن قۇقۇزۇشنى تەلەپ
قىلىپ ئاسمانغا قارىتىدۇ .
ھىسسىي دەلىللەر :
بۇ كائىناتتا مەۋجۇت نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ . بىز ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت نەرسىلەرنى
كۆرىمىز ، مەسىلەن ، دەرەخلەر ، تاشلار ، ئىنسانلار ، يەرشارى ، ئاسمانلار ،
دىڭىزلار ، دەريالار . . .
ئەگەر بۇ شەيئىلەر شۇنداق كۆپ ، كىم ئۇلارنى ياراتتى ھەمدە ئۇلاردىن خەۋەر ئالىدۇ ؟
دەپ سورالسا :
جاۋاپ بولسا ئەگەر بۇ شەيئىلەر تاسادىپىي ، ئۆزلۈكىدىن ۋە ھىچقانداق سەۋەپسىز
بارلىققا كەلگەن بولسا ، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىنى بىلىدىغان
ھىچكىم يوق ، ھەمدە ئۇ بىر ئىھتىماللىق . بىراق يەنە بىر ئىھتىماللىق بار ، ئۇ
بولسىمۇ بۇ شەيئىلەر ئۆزلىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان ھەمدە ئىشلىرىدىن ئۆزى خەۋەر
ئالىدۇ . ھەمدە يەنە ئۈچۈنچى بىر ئىھتىماللىق بار ،ئۇ بولسا ئۇلارنى ياراتقان بىرسى
بار . بىز بۇ ئۈچ ئىھتىماللىققا قارىساق، بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسىنىڭ مۇمكىن
ئەمەسلىكىنى بايقايمىز . ئەگەر بىز بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسىنى رەت قىلساق ، ئۇنداقتا
جەزمەن ئۈچىنچىسى توغرا ، يەنى بۇ شەيئىلەرنىڭ ئۇلارنى ياراتقان بىر ياراتقۇچىسى
بار ، ھەمدە ئۇ ياراتقۇچى بولسا ئاللاھ . بۇ قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان . ئاللاھ
مۇنداق دىگەن : « ياكع ظذلار ياراتقذحعسعز يارعتعلغانمذ؟ ياكع ظذلار ظأزلعرع
ياراتقذحعمذ؟[35] ياكع ظذلار ظاسمانلارنع ؤة زئمعننع ياراتقانمذ؟ بةلكع ظذلار
(اللةنعث بعرلعكعضة) ظعشةنمةيدذ .» [ تۇر (تاغ) : 35-36 ]
ئاندىن بۇ كاتتا مەخلۇقاتلار قاچاندىن بىرى مەۋجۇت ؟ بۇ يىللار مابەينىدە ، كىم
ئۇلارنىڭ بۇدۇنيادا ساقلىنىپ قىلىشىنى پۈتىۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا تۇرۇپ قىلىشنىڭ
يوللىرى بىلەن تەمىنلىدى ؟
جاۋاپ : ئۇ بولسا ئاللاھ ، ئۇ ھەر بىر شەيئىگە ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ
ساقلىنىپ قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نەرسىنى بەردى . چىرايلىق يىشىل
ئۆسۈملۈكلەرگە قارىمامسىز ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئۈزىۋەتسە ،
ئۇلار ياشىيالامدۇ ؟ ياق ، بەلكى ئۇلار قۇرۇق پاخال بولۇپ قالىدۇ . ئەگەر سىز
بارلىق شەيئىلەرنى مۇلاھىزە قىلسىڭىز ، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا تايىنىدىغانلىقىنى
بايقايسىز . ئاللاھ بولمىغان بولسا ھىچنەرسە قالمىغان بولاتتى .
ھەمدە ئاللاھ ھەربىر نەرسىنى ئۆزىگە ناس كىلىدىغان نەرسىنى قىلىشقا ياراتتى . شۇڭا
تۆگىلەر مەسىلەن ، مىنىشكە . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ظذلار بعلمةمدذكع، ظذلار
ظىحىن هايؤانلارنع (قذدرةت) قولعمعز بعلةن خةلق ظةتتذق، ظذلار هايؤانلارنع باشقذرذص
تذرغذحعلاردذر[71] . هايؤانلارنع ظذلارغا بويسذندذرذص بةردذق، ظذلار ظذ
هايؤانلارنعث بةزعسعنع معنعدذ، بةزعسعنع يةيدذ .» [ ياسىين : 71-72 ]
تۆگىگە قاراڭ ، ئاللاھ ئۇنى بىر كۈچلۈك دۈمبە بىلەن قانچىلىك كۈچلۈك ياراتقان ،
شۇڭا ئۇنى مىنىشكە ئىشلەتكىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇ باشقا ھايۋانلار بەرداشلىق
بىرەلمەيدىغان قىيىن شارائىتلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ .
ئەگەر سىز باشقا ھايۋانلارغا قارىسىڭىز ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن
يارىتىلغانلىقىنى بايقايسىز . ئاللاھ بارلىق نۇقساندىن پاك !!
ھىسسىي دەلىلەرنىڭ مىساللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
كىشىلەرگە چۈشكەن بالايى-ئاپەتلەر ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، مەسىلەن :
ئۇلار ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ ؛ بۇ
ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ . پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : "
پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) يامغۇر ئۈچۈن دۇئا
قىلغاندا ، ئۇ مۇنداق دىگەن : « ئاللاھۇممە ئەغىسنا ، ئاللاھۇممە ئەغىسنا ( ئى
ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغىن ، ئى ئاللاھ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغىن ) » ئاندىن بىر
بۇلۇت كەلگەن ، ھەمدە ئۇ مۇنبەردىن چۈشمەي تۇرۇپ يامغۇر يىغىشقا باشلىغان . بۇ
ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ . "
[ «شەرھ سەفارىنىييە»]
3- شەرئىي دەلىلەر :
بارلىق ئىلاھى قانۇنلار ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ، ھەمدە ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ ،
دانالىقىنىڭ ، ۋە رەھىم-شەپقىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆرسىتىدۇ . چۈنكى ، بۇ قانۇنلار
جەزمەن بىرسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كىرەك ، ھەمدە ئۇ قانۇن بەلگىلىگۈچى بولسا
ئاللاھ . " [ «شەرھ سەفارىنىييە » دىن ئىلىندى . ]
ئاللاھ بىزنى نىمە ئۈچۈن ياراتتى ؟ دىگەن سۇئالىڭىزغا كەلسەك ، جاۋاپ : ئۇنىڭغا
ئىبادەت قىلىشىمىز ، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىشىمىز ۋە ئۇنى ياد ئىتىشىمىز ، ھەمدە ئۇ
بىزگە بۇيرىغاننى قىلىشىمىز ئۈچۈن ياراتتى . مەلۇمكى ، ئىنسانلار ئارىسىدا
كاپىرلارنۇ بار ، مۇسۇلمانلارمۇ بار . سەۋەبى ، ئاللاھ بەندىلىرىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە
ئىبادەت قىلامدۇ ياكى باشقا بىرىگىمۇ دەپ سىنىماقچى . ئۇ بولسا ئاللاھ ھەر
بىرەيلەنگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كىيىن بولىدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : «
ئۇ سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئىش-ئەمەلدە ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئۆلۈم ۋە
ھاياتنى ياراتتى . » [ مۇلىك(پادىشالىق ) : 2 ]
« جعنلارنع، ظعنسانلارنع صةقةت ماثا ظعبادةت قعلعش ظىحىنلا ياراتتعم »
[ زارىيات( سورىغۇچى شاماللار ) : 56 ]
ئاللاھتىن بىزنى ۋە سىزنى ئۇ ياقتۇرىدىغان ۋە خئۇرسەن بولىدىغاننى قىلىشقا قادىر
قىلسۇن ، ھەمدە ئۇنىڭ دىنى ئۈچۈن تىخىمۇ كۆپ دەۋەت ۋە خىزمەتلەرنى قىلىشىمىزغا
مۇۋەپپەق قىلسۇن . ھەمدە پەيغەمبەرنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد