مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن بىرىنچى : ئەگەر نامازخان دۇئانى ئەرەب تىلى بىلەن بەلەن قىلالىسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا تىل بىلەن دۇئا قىلىشى دۇرۇس ئەمەس . لىكىن ئەگەر نامازخان دۇئانى ئەرەبچە بىلەن قىلىشتىن ئاجىز كەلسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز تىلى بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسۇلمايدۇ ، شۇ جەرياندا ئۇ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىدۇ . ناماز سىرتىدا ئەرەبچىدىن باشقىسى بىلەن دۇئا قىلىشقا كەلسەك ، ئۇنىڭغا ھىچنىمە بولمايدۇ ، بولۇپمۇ ئۇ نامازخاننى دۇئاسىغا تىخىمۇ دىققىتىنى يىغىدىغان بولسا . ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن : دۇئانى ئەرەب تىلى بىلەن ، ۋە باشقا تىللار بىلەن قىلىش دۇرۇس . ھەمدە ئاللاھ دۇئا قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە كۆزلىگىنىنى بىلىدۇ ،مەيلى ئۇ قايسى تىلدا سۆزلىسۇن ، چۈنكى ئۇ ھەر تۈرلۈك ھاجەتلەرنى ھەر خىل تىللار بىلەن سوراۋاتقان ھەممە ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ . . . "مجموع الفتاوى " ( 22 / 488 – 489) يەنە بۇ 3471- ، 11588- سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا قاراڭ . ئىككىنچى : قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان دۇئالار ، ھەتتا ئۇلار سۈننەتتە تىلغا ئىلىنمىغان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسۇلمايدۇ . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ۋە توغرا يولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ دۇئالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىز قۇرئاندىن بىلدۇق ، شەكسىزكى ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئەڭ پاساھەتلىك ۋە ئەڭ مول مەنىگە ئىگە دۇئالار . ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن : كىشىلەر كىتاب ۋە سۈننەت ئىلىپ كەلگەن بەلگىلەنگەن دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىشى لازىم ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە بەلەنلىكىدە ، ھەمدە ئۇنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكىدە شەك يوق . ھەمدە ئىسلام ئالىملىرى ۋە ئىماملار بەلگىلەنگەن دۇئالارنى تىلغا ئىلىشتى ، ھەمدە يىڭى دۇئالاردىن يۈز ئۆرىدى ، شۇڭا بىز ئۇنىڭدا ئۇلارغا ئەگىشىشىمىز كىرەك . " “مجموع الفتاوى “(1 / 346 و 348) ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .