مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار تېكىست ۋە ئىجمائ بىلەن ھارام قىلىنغان
نىمە بولۇپ ، ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)
مۇنداق دىگەنلىكى ئىسپاتلانغان : « سىلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا ئىچمەڭلار ، ۋە
ئۇلاردىن ياسالغان تاۋاقلاردا يىمەڭلار . چۈنكى ئۇلار دۇنيادا ئۇلار ئۈچۈن ،
ئاخىرەتتە بىز ئۈچۈن .» [ بۇ ھۇزەيفىنىڭ ھەدىيسى بولۇپ ، سەھىيلىكىگە بىرلىككە
كىلىنگەن .] شۇنداقلا يەنە ، ئۇنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن) مۇنداق دىگەنلىكى نەقىل قىلىنغان : « ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا يەيدىغان ۋە
ئىچىدىغان كىشى ، پەقەت دوزاخ ئوتىنى قورسىقىغا سالىدۇ . » [ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ
ھەدىيسى بولۇپ ، ئۇنىڭ سەھىيھلىكىگە بىرلىككە كىلىنگەن . ھەمدە سۆزى مۇسلىمنىڭ . ]
شۇڭا ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن قاچا-قۇچا ياساشقا بولمايدۇ ، ۋە ئۇنىڭدا يىيىشكە ياكى
ئىچىشكە بولمايدۇ ، ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭدا تاھارەت ئىلىش ۋە يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ .
بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەردىن ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)
نەقىل قىلىنغان ھەدىيسنىڭ تېكىستى بىلەن ھارام قىلىنىغان . ھەمدە مۇسۇلماننىڭ
ئۇلارنى ئىستىمال قىلماسلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ سودىسىنى چەكلەش ۋاجىپ . ئاللاھ ئۇنىڭغا
ئۇلارنى ئىستىمال قىلىشنى ھارام قىلدى ، شۇڭا ئۇ ئىچىشتە ، ياكى يېيىشتە ۋە ياكى
باشقىلىرىدا ئۇلارنى ئىشلەتمەيدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇلاردىن قوشۇقلار ، ياكى قەھۋە
ئىستاكانلىرى ۋە چاي پىيالىلىرىنى ياساشقا بولمايدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن ؛
چۈنكى ئۇلار قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر تۈرى .
مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ چەكلىگەن نىمىدىن ھەزەر ئەيلىشى ۋە ئىسراپ قىلىش ، بۇزۇپ چېچىش
ۋە مال-مۈلۈكلەرنى ئويناشتىن يىراقلىشىشى ۋاجىپ . ئەگەر ئۇنىڭ پۇل-مىلى كۆپ بولسا ،
ئۇنىڭ چۆرىسىدە كەمبەغەللەر بار ،ئۇلارغا سەدىقە قىلسۇن ، ئۇنىڭ قېشىدا ئاللاھ
يولىدا جەڭ قىلغۇچىلار بار ، ئاللاھ يولىدا ئۇلارغا بەرسۇن ، لىكىن پۇل-مالنى
ئوينىمىسۇن . چۈنكى ئۇنىڭ بايلىقىغا مۇھتاجلار بار .
مۇئىمىن پۇل-مىلىنى خەيرىلىك يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ۋاجىپ ، مەسىلەن ،
كەمبەغەل ۋە مۇھتاجلارغا بىرىش ، مەسچىتلەر ۋە مەكتەپلەرنى سىلىش ۋە رىمونت قىلىش ،
يوللار ۋە كۆۋرۈكلەرنى ياساش ، مۇجاھىدلار ۋە نامرات كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىش ۋە
باشقا يوللار ، مەسىلەن ، قېيىن ئەھۋالدا قالغانلارنىڭ قەرىزىنى تۆلىۋىتىش ، توي
قىلىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقانلارنىڭ توي قىلىۋىلىشىغا ياردەم قىلىش قاتارلىقلار .
بۇلارنىڭ ھەممىسى بولسا خىراجەت قىلىش بەلگىلەنگەن خەيرىلىك يوللىرى .
پۇل-مالنى ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلار ياكى قوشۇقلار ، ياكى ئىستاكانلار ،ياكى
مۇنچا قۇرۇلمىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نىمىلەرنى سېتىۋىلىش بىلەن ئويناش بولسا ،
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈش ۋە ھەزەر ئەيلەش ۋاجىپ بولغان يامان ئىش .
ھەمدە بۇ ئىش مەۋجۇت دۆلەتلەردە ئالىملار ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىبارەت ئورنى بار
كىشىلەر ئۇنى ئىنكار قىلىشى ھەمدە بۇ ئىسراپچىلىق بىلەن ئىسراپخورلار ئارىسىدا
توسالغۇ بولىشى كىرەك . ھەمدە ئاللاھ بولسا بىز ياردەم سورايدىغان زات .
مجموع فتاوى ومقالات متنوعة للشيخ ابن باز 6/378